Prof Abdubesir Shükri

From Victims of 21st Century Concentration Camps
Jump to: navigation, search

Prof Abdubesir Shükri

Abdubesir shüküri.jpg

Proféssor Abdubesir Shükri

From Xinjiang Pedagogue University. He was arrested.

If any reporters are interested in this news, feel free to contact with [Abduwali Ayup]. He has their pictures and other personal information.


ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، تىرىشچان باغۋەن ئابدۇبەسىر شۈكۈرى

ھەركىمنىڭ قانداق ياشاش يولىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق. قانداقلا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ لۇغىتىدە «مەسئۇلىيەت» دېگەن ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ھاياتلىقتا كۆپلەر ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ھەم شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ، قەدىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 1964-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە مومىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا كونا يېزىقتا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن «شېئىرلار» ناملىق كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئابدۇبەسىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى، چاغاتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقاتقا كىرىشكەن.

ئۇ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن 72 پارچە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتقا ئائىت ماقالىلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹ئاق ئۈلۈمبەردىخان› ۋە شامان دىنى»، «تۇتېمنىڭ مەنىۋى ئاساسى ھەققىدە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹ماناس›»، «يېڭى پلاتونىزم ۋە مىستىتىزم»، «شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شائىرى قۇل خوجا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى»، «‹كۆزگۈ› نىڭ شامانىزىمدىكى مەدەنىيەت مەنىسى» قاتارلىقلار يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە . ئۇ يەنە «قۇياش ۋە چۆچەك»، « ‹ئوۋ تاماشاسى›دىن تۇغۇلغان ئوي»، «سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ يارقىن ئوبرازى»، «غورا خىياللار»، «پىنھان قەلب سىزغان سۈرەتلەر»، «پاكىز سەھرانىڭ بىغۇبار ناخشىسى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپەۋى ئىدىيەسى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى»، «ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ئوبزور - ماقالىلىرىنى يېزىپ، «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ھەققىدە ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇپ، خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى، ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنىينىڭ «تۈرك - رونېك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى، مەشھۇر تۈركولوگ تالات تېكىننىڭ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى. «نۇتۇق ۋە نۇتۇقشۇناسلىق» ناملىق كىتابى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ياپونىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە قاتناشتى، بۇ جەرياندا چەت ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن تۈركولوگلار بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن ئۇلارنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتتى. مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار بۇ تىنماس باغۋەنگە نۇرغۇن شان - شەرەپ ئاتا قىلدى. 1993-يىلى «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئوبزور مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى «غورا خىياللار» ناملىق ماقالىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 1995-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بويىچە «نادىر تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ھازىر خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


[مەنبە]


مەكتەپ دائىرىلىرى پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان

2018-10-17


2018-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭمۇ 2018-يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بىرەيلەن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پروفېسسور ئابدۇبەسىر ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

«مەن ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان چېغىمدا، ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى ئىدى. شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلىشىمچە، پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2018-يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە يەنى شۇ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن قىلىنغان چاغدا يەنە باشقا بىرقانچە نەپەر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. لېكىن، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن».


رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى بۇ يىل 4-ئاي مەزگىلىدە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئامانلىق باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ فېڭ ۋېنچياڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 29‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. مەكتەپنىڭ كادىرلار بۆلۈمى ۋە ئوقۇتۇش باشقارمىسىغا قىلغان تېلېفونلار جاۋابسىز قالدى. ئەمما مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ۋە مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىگە قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلاندى.

ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ئىشخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئايال خادىم ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «شۇنداق، بۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى. ئەمما كەچۈرۈڭ بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى بىزگە ئېنىق ئەمەس. بۇ ئىشلارنى بىز ھەممىمىز بىلمەيمىز، كەچۈرۈڭ» دەپ جاۋاب بەردى.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈنلۈن ئوقۇتۇش رايونى دەپ نام بېرىلگەن ئۈرۈمچى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىدىكى كونا مەكتەپ رايونىغا جايلاشقان قوغداش باشقارمىسى ۋە ۋېنچۈئەن ئوقۇتۇش رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار، گەرچە پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئابدۇبەسىر شۈكۈرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.


پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۆزى ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلغان يەنە بىرەيلەن، ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغانلىقىنى ئەمما مەكتەپنىڭ رەسمىي يوسۇندا بۇ ۋەقەنى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تېخى ئۇقتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاڭلىشىمچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2017-يىلىنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدىلا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغان ئىكەن. 2018-يىلى قىشلىق تەتىلدىن كېيىن يەنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلارنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپتۇ. قىشلىق تەتىلدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە يىغىلغىنىدا، مەكتەپ بويىچە ‹ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى› سىياسىي ئۆگىنىشلەر كەڭ-كۆلەمدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەممىلا ئادەم يازما ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا مەكتەپ دائىرىلىرى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاغزاكى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇلار ھەققىدە ھۆججەتلىك ئۇقتۇرۇش تارقاتمىغان. لېكىن، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ‹ئىككى يۈزلىمىلىك› جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ۋە پەرەزلەر بارغانچە كۈچەيگەن ئىكەن».

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن بىرى ئىدى.

ئابدۇبەسىر شۈكرى1964-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1983-يىلدىن 1988-يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى قاتارلىق كەسىپلەردىن دەرس بەرگەن.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە تۈركولوگىيەگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹ئاق ئۈلۈمبەردىخان› ۋە شامان دىنى»، «تۇتېمنىڭ مەنىۋى ئاساسى ھەققىدە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹ماناس›»، «يېڭى پلاتونىزم ۋە مىستىتىزم»، «شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شائىرى قۇل خوجا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى»، «‹كۆزگۈ› نىڭ شامانىزىمدىكى مەدەنىيەت مەنىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي ئوبزورلىرى تاكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر خىتايدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ كەلگەن.

2000-يىلى ئۇنىڭ «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «نۇتۇق ۋە نۇتۇقشۇناسلىق» ناملىق كىتابى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ياپونىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە قاتناشقان.

ئابدۇبەسىر شۈكۈرى يەنە خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمى ۋەزىپىلەردە بولغان.

[Menbe]